ئۇلار 4-ئايدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ، خەينەن، فۇجەن، سىچۈەن، خۇبېي قاتارلىق 12 ئۆلكىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، 19 جىنايى گۇرۇھنى پاچاقلىغان. بۇ جىنايى گۇرۇھلار ئادەتتە، نارەسىدە بالىلاردىن پايدىلىنىپ كۆپ پايدا قازىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش شەكلى كۆپ، جىنايەت خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە، ئازدۇرۇلغان نارەسىدىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىش دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنى داۋاملىق تۈردە كېڭەيتىپ ئېلىپ بارىدىكەن.