ناتو قىسىملىرى پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان

بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى( ناتو) قىسىملىرى پاكىستان تەۋەسىدە قوراللىق كۈچلەرگە قارشى "ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك تازىلاش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو ئادەتتە پاكىستان ھاۋا تەۋەسىگە كىرىپ، ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن.

ناتو قىسىملىرى ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ھەپتە ئاخىرىدا ئافغانىستان - پاكىستان چېگرىسىغا جايلاشقان خوست رايونىدىكى بىر ھەربىي پونكىتقا، بىر قىسىم توپىلاڭچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ناتو قىسىملىرىنىڭ تىكئۇچار بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، پاكىستان ھاۋا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ ئېنىق ئورنى ۋە قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. ناتو ھۇجۇمدا 50 تىن ئارتۇق توپىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئاۋام-پۇقرانىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ تالىباننىڭ پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئافغانىستان - پاكىستان چېگرىسىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ناتو قىسىملىرىنىڭ پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.