ناتو خەۋپسىزلىك ساقلاش ۋەزىپىسىنى 2014- يىلىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستان قوشۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پورتۇگالىيىنىڭ لىسبون شەھىرىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ناتو دائىرىلىرى ئافغانىستاندا خەۋپسىزلىك ساقلاش ۋەزىپىسىنى 2014- يىلىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستان قوشۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا 48 دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ جۈمە كۈنىدىن بۇيان لىسبون شەھىرىدە ناتو خەۋپسىزلىك قۇرۇلتىيىنى باشلىغان ئىدى.

يىغىنغا روسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋە ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىت كارزائىمۇ قاتناشقان.

يىغىن بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان.

يىغىندا ناتو باش كاتىپى ئاندېرس راسسمۇسسېن ئافغانىستاندا خەۋپسىزلىك ساقلاش ۋەزىپىسىنى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئافغان قوشۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدىغانلىقىنى، ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 2014- يىلى تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.