ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو غا ئەزا ھەر قايسى ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئارىسىدا تۈزۈلگەن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئىلگلىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى قۇرۇش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈزۈلگەن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بۇ كېلىشىمنى يېڭىلاش ۋە ياكى يېڭىدىن كېلىشىم تۈزۈش مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يېڭىدىن ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ تېخى ئاخىرقى تەستىقلاشتىن ئۆتمىگەن ئىدى.
ناتو نىڭ يىغىنى جەريانىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئالغان قارارىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىسسابوندىكى يىغىندا ئوباما مەزكۇر كېلىشىمنى " ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىماسلىقىغا ئاساس يوق" دەپ تەكىتلىگەن. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ كېلىشىمگە ئانچە قىزغىن كەيپىياتتا بولمىغان ئىكەن.
ناتو نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى جەريانىدا يەنە ناتو ئۇكرائىنىيە بىلەن گرۇزىيىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان.