ناتو قوشۇنلىرى تالىبانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى

13 - فېۋرال ئەتىگەندە ئافغانىستاندىكى ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى ھېلماند ئۆلكىسى مارجا يېزىسىدا تالىبانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىشى ھەرىكىتى باشلىدى ۋە مارجانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە قوشۇن تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان 2001 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكەت ئىكەن.

ھەربىي ھەرىكەت شۇ جاي ۋاقتى 13 - فېۋرال ئەتىگەن سائەت 2 دە ھېلماند ئۆلكىسى مارجا يېزىسىدا باشلانغان. ترانسپورت ۋە ھۇجۇمچى تىكئۇچارلارنىڭ ياردىمىدە ئافغانىستان دۆلەت ئارمىيىسى مارجا رايونىغا تۇنجى بولۇپ كىرگەن ۋە مۇداپىئە لىنىيىسى شەكىللەندۈرگەن. 90 مىنۇتتىن كېيىن، يەنە ئىككى بۆلەك ناتو بىرلەشمە قىسىملىرى، تىكئۇچارلار بىلەن مارجا يېزىسىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلىرىدا ھۇجۇم سېپى شەكىللەندۈرگەن. سۈبھىدە يۈزلىگەن ئامېرىكا ۋە ئافغان ئارمىيىسى يەر يۈزىدىن مارجاغا كىرگەن.

س ن ن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، شەنبە كۈندىكى جەڭ خېلى كەسكىن بولغان. مارجا يېزىلىق ھۆكۈمەت باياناتچىسى داۋۇد ئەخمەد ئەتىگەنلىك ھۇجۇمدا 5 نەپەر تالىبان جەڭچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 8 نەپىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2009 - يىلى دېكابىردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ئۆلكىسى مارجا رايونى تالىبانلار مەركەزلەشكەن ۋە مەۋھۇم ھۆكۈمەت شەكىللەندۈرگەن رايون بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مارجانى تالىبانلار قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، مارجا خەلقى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ئىكەن.