ناتو ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئادەملىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

25 - فېۋرال كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.02.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو نىڭ بۇ قارارى 25 - فېۋرال كۈنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەركىبىدە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئوفىتسېرى سۇيىقەستلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان. بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىدىن ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك پەرەزلەر مەۋجۇت. بىراق، ناتو نىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئەلىن ناتو نىڭ داۋاملىق تۈردە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىنچ ۋە مۇقىم ئافغانىستانى مەيدانغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئەپۇ سورىغان، ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي خەلقىنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.