ناتو بۈگۈن كازافىينىڭ ئالىي بىناسىنى بومبىلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ترىپولىدىن بايان قىلىشىچە، كازافىينىڭ باب ئەل ئەزىزىيە سارىيى ناتونىڭ بۈگۈن ئەتىگەندىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا قاتتىق زەخىملەندى.

ناتونىڭ برۇسسېلدىكى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ناتو ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بۇ ساراي، كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ بەلگىسى، كازافىينىڭ ھەشەمەتلىك مېھمانلىرىنى كۈتىدىغان ئالىي سارىيى ۋە خەلققە قارشى ئۇرۇش پىلانلاۋاتقان جاي.

لىۋىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ناتونىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمى، كازافىي قىسىملىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا مىستارا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ 32 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، لىۋىيىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى ئابباد دېگەن يەنە بىر شەھىرىدىكى ئىككى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، چوڭ قانلىق ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتا قوزغىغان قايتۇرما ھۇجۇم.

ناتو قىسىملىرى باب ئەل ئەزىزىيە سارىيىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئاران تۆت ئادەم يېنىك يارىلانغان، ئۇ ۋاقىتتا كازافىي بۇ سارايدا يوق.