ناتو لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ تارقىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلدى

ناتو قىسىملىرى كازافىي ئىگىدارچىلىقىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 دانە تارقىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-30
Share

مەلۇم بولۇشىچە، كازافىي مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگىشىدىغان ئاۋام-خەلقنى قان تۆكۈشكە كۈشكۈرتسە، ئۆزىگە قارشىلارغا تەھدىت سالغان ئىكەن.

ناتو دائىرىلىرى: مەزكۇر بومباردىمان كازافىينىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىدىن پايدىلىنىپ لىۋىيە خەلقىگە تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارغا قارشى زوراۋانلىق ئۇرۇقىنى چېچىش يولىنى ئاجىزلىتىشقا قارىتىلغان، دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ناتو قىسىملىرى كازافىينىڭ ھەربىي ماشىنا، ئەسلىھە ۋە ھەربىي رادارلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

كازافىي دائىرىلىرى مەزكۇر بومباردىمان ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لىۋىيىدە يەنە تېلېۋىزور قويۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت