مەلۇم بولۇشىچە، كازافىي مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگىشىدىغان ئاۋام-خەلقنى قان تۆكۈشكە كۈشكۈرتسە، ئۆزىگە قارشىلارغا تەھدىت سالغان ئىكەن.
ناتو دائىرىلىرى: مەزكۇر بومباردىمان كازافىينىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىدىن پايدىلىنىپ لىۋىيە خەلقىگە تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارغا قارشى زوراۋانلىق ئۇرۇقىنى چېچىش يولىنى ئاجىزلىتىشقا قارىتىلغان، دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ناتو قىسىملىرى كازافىينىڭ ھەربىي ماشىنا، ئەسلىھە ۋە ھەربىي رادارلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
كازافىي دائىرىلىرى مەزكۇر بومباردىمان ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لىۋىيىدە يەنە تېلېۋىزور قويۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.