فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گىرارد لونكۇت يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، لىۋىيىدىكى قوراللىق قارشىلىشىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەلەپ قىلمىغۇچە، ناتونىڭ لىۋىيىدىكى قوراللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئىسيانچىلار كازافىينىڭ تۇغۇلغان يېرى بولغان سىرتەنى قولغا ئالغان، ئەمما جەنۇبتىكى بېنى ۋېلىد ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ھازىر سىرتە شەھىرىدە قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئىچىدە سىرتىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈنلەي تىنچىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت سىرتەنى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىپ، لىۋىيىدە ئەركىنلىك ئېلان قىلىنغان كۈنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىستېپا بېرىپ، مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان.
بۈگۈن يەنە بىر ياقتىن، لىۋىيىنىڭ قاچقۇن لىدىرى كازافىي مىليونلىغان لىۋىيە خەلقىنى «نامايىش قىلىپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى يوقىتىش» قا چاقىرغان. ئۇ باياناتىنى سۈرىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر نەدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس.