ناتو باش سېكرېتارى لىۋىيىدىكى ئەسكىرى ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ناتو باش سېكرېتارى ئاندرېس راسمۇسسەن بۈگۈن لىۋىيە پايتەختى تروپولىنى زىيارەت قىلىپ، 7 ئاي داۋام قىلغان لىۋىيە پۇقرالىرىنى قوغداش ئەسكىرىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ۋەزىپە مۇددىتى 31-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ناتو سېكرىتارىنىڭ بۇ باياناتىدا 31-ئۆكتەبىر يېرىم كېچىدە بېرىلدى. ئۇ زىيارىتى داۋامىدا لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن مۇستافا ئابدۇلجېلىل ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد دىنايسلار بىلەن كۆرۈشتى.

راسمۇسسەن سۆزىدە ناتونىڭ ۋەزىپىسىنىڭ شۇ ئاندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەگەر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا يەنە ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە لىۋىيىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ناتو باشلىقى راسمۇسسەن، ناتونىڭ بۇ قېتىمقى ئەسكىرىي ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ غەلىبىلىك ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.