ناتو ھۇجۇمىدا 24 پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەن

پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرى شەنبە كۈنى پاكىستان تېررىتورىيىسىدىكى موھماند قەبىلە رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 24 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 13 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلىگەن.

پاكىستاننىڭ موھماند قەبىلە رايونى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كۇنار ئۆلكىسى بىلەن چېگرىداش بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچ تازا يەتمەيدىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى ناتو قىسىملىرى كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ تىكئۇچار ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ، پاكىستاننىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي لاگېرىنى بومبىلىغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈف جىلانى: پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىدى. بىز پاكىستانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك، دېگەن.

بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتاي پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتماقتا.

خىتاي - پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرى جۈمە كۈنى ناتو ھۇجۇم قىلغان رايونىغا 500 كىلومېتىر كېلىدىغان پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ جھەلۇم دېگەن يېرىدە شەرقىي تۈركىستان قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان ئىدى.