ناتو قىسىملىرى شەنبە كۈنى لىۋىيە پرېزىدېنتى كازافىينىڭ تروپىلىدىكى تۇرالغۇسىنى بومباردىمان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ناتونىڭ ئالاقىچىلار شتاب باشلىقى گېنېرال مايور جون لورىمېر ناتو قىسىملىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ، كازافىينىڭ باب ئەل ئەزىزىيەھ قەلئەسىگە زەربە بەرگەن ۋە قەلئەنىڭ قاراۋۇلخانىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: پولكوۋنىك كازافىي يىللاردىن بېرى مۇشۇ سېپىللارنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، لىۋىيە خەلقىگە قورقۇنچ سەپ كەلدى ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى يوقاتتى. بۇ چوڭ قۇرۇلۇش كازافىينىڭ ئۆيى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ھەربىي قوماندانلىق شتابى، كازافىي مەخپىي ساقچىلىرى ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەركىزىي بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ناتو قىسىملىرى بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كازافىي ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى بىر قەدەر ئاشۇرغان بولۇپ، ھەتتا بۈگۈن ناتو قىسىملىرى كۈندۈزدىمۇ كازافىينىڭ مۇھىم ھەربىي ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن.

لىۋىيىدىكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ بىر ئاي جەريانىدا ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن رۇسىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ئىستراتېگىيىسىدە ئۆزگەرتىش ياسىدى.

پارىژدىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچۇرۇشۇشىغا قاتناشقان رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ تۇنجى قېتىم كازافىينى تەختىن چۈشكە دەۋەت قىلدى.

ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن 8 دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب ئەللىرىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابلارغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە كازافىي خەلق قەلبىدىكى قانۇنىي ئورنىنى يوقاتتى. شۇڭا دەرھال ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دېدى.