يىغىن سۈرىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتتىن قوغدىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۈگۈن بۇ قارارنى ئېلان قىلغان ناتو سېكرېتارى رامىسسون، «ھېچقانداق بىر كۈچ تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىسۇن» دېگەن بايانلىرى ئارقىلىق، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
بۈگۈن بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كۈتۈلمىگەن ھالدا، رۇسىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. تۈركىيە ھۈرىيەت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ناتونىڭ تەركىبىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 3 بولۇپ، بۇلار، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا؛ بۇ دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلىدىغان پاترىئوت (ۋەتەنپەرۋەر) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۈركىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن 3ھەپتىدىن 5 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.