NATO غا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى لىسابوندا ئېچىلدى

ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2 كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى جۈمە كۈنى پورتۇگالىيە پايتەختى لىسابوندا باشلاندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى كېچىچە ئۇچۇپ، يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن لىسابونغا يېتىپ بارغان. ئۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن پورتۇگالىيە پرېزىدېنتى ئانىبال كاۋاكو سىلۋا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىسابۇندىكى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ "بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە چۈشەنچىسى" ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى مەسىلىسىدە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتۇر.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ يىغىندىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ش ئا ئە ت غا ئەزا ئىتتىپاقداش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيە مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى ساقلاش. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان 150 مىڭ كىشىلىك خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ شەنبە كۈنى ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، يىغىن جەريانىدا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدىف شەنبە كۈنى لىسابونغا كېلىپ، ش ئا ئە ت ۋە رۇسىيە كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى رامۇسېن، مىدۋېدىفنىڭ ناتو يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ دېگەن.