قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف تۈركىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. نۇرسۇلتان نازاربايىف ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغانلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشلاردا مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالانغان.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف پەيشەنبە كۈنى يەنە تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مەمەت ئەلى شاھىن بىلەنمۇ ئۇچراشتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركلەرنىڭ لىدىرى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىلا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىللىقىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسلىتىپ "تارىخ بۇنى ئىسپاتلىدى، تۈركىيە بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت، بۇنى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز،" دېدى.

نۇرسۇلتان نازاربايىف سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: "قازاق خەلقى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ رۇسلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا قازاق ئىسىمىدە بىر دۆلەت دۇنيا خەرىتىسىدە يوق ئىدى. كېيىنكى 150 يىل ئىچىدە بىز تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدۇق. ئەمما بىز يۈرىكىمىزدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى ۋە قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىدۇق. 1990 - يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ بىز مۇستەقىللىككە ئېرىشتۇق. يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇش، ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خەلقىمىزنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئەلۋەتتە ئاسانغا توختىمىدى. ئەمما بىز ئۇ خەتەرلىك ئۆتكەللەردىن مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ، سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي تۇپراقلىرىدا ياشىماقتىمىز. قازاقىستان ھازىر دۇنيادا ئاساسى چىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ۋە دۇنيادا دىققەتكە سازاۋەر بىر دۆلەت ھالىغا كەلدى. بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھۆر بولدۇق."

نۇرسۇلتان نازاربايىف سۆزىنىڭ داۋامىدا: "دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى قىدىرىپ چىقىرىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تۈركىي خەلقلەر چوقۇم بىرلىك - باراۋەرلىك ئىچىدە بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قۇدرەتلىك بولالايمىز، شۇڭا بىز يېقىندا تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كونسېيى يەنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈرك كونسېيىنى ئىمزالىدۇق،" دېدى.

نازاربايىفنىڭ سۆزى تۈركىيىنىڭ بۈگۈنگىچە قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن ئاياقلاشتى، ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى سۆزى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان كېلىشىملەرگە قول قويۇشتىن باشقا يەنە، ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق شەرتنامىسىمۇ ئىمزالىدى.