پەرغانە تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى ئىشچىلار ئىتتىپاقى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى توختىتىشقا چاقىرىپ،«بارلىق قولغا ئېلىنغانلار قويۇپ بېرىلىشى لازىم» دەپ تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جانائۆزەن ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش بويىچە تەسىس قىلىنغان مۇستەقىل ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش كومىتېتى نازاربايېفتىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پارلامېنت سايلىمىنى بىكار قىلىشنى، تىنچ پۇقرالارغا ھېچقاچان قورال ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ۋەدە بېرىش ھەمدە جانائۆزېن ۋەقەسىنى ئېنىقلايدىغان دۆلەتلىك ئورگان قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتىدىن باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ قازاقىستاننى جانائۆزېن ۋەقەلىرى بويىچە تەنقىد قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئازادلىق رادىئوسى جانائۆزېن ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى گىتلېرنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قىياس قىلىنغان ۋىدەئو قىستۇرمىسىنى ئېلان قىلغان.