رۇسىيىنىڭ «لېنتا.رۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ئاۋسترىيە سوتى قازاقىستاننىڭ راھەت ئالىيېفنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، بۇ تەلەپنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاستانا ئىزچىل تۈردە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرى راھەت ئالىيېفقا يەنە قازاقىستاندىكى «نۇربانكا» نىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن جولدوس تىمىرالىيېف ۋە ئايبار خاسېنوفنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى جىنايەتلەرنى ئارتقان. قازاقىستان پرېزىدېنتى بۇ سەۋەب بىلەن قازاقىستان قانۇن دائىرىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنى قازاقىستانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللىنىشنى بۇيرۇغان.
راھەت ئالىيېف نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىگانىڭ ئېرى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ قازاقىستاندا مەتبۇئات، بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىدە يۇقىرى رەھبىرى خىزمەتلەردە بولغان. كېيىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندا،ئۇ ئاۋسترىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قالغان ھەمدە نازاربايېفنى ئەيىبلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئىلگىرى كېيىن خىتاي ھەم ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.