ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 64 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر مەخسۇس تەربىيىدىن ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2012 - يىلى تاللاپ چىقىلغان 64 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر 22 - ئاۋغۇستتىن 24 - ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇراسىم بىلەن بەلگىلەنگەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىشكە باشلىغان.


مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىدا بۇ كادىرلار ئۈچۈن مەخسۇس دەرسلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللەت ۋە دىنى ئەھۋاللىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىغان «شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىياتى» ناملىق لېكسىيىلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان شۇنىڭدەك يەنە باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى ھەم باشقا نەزەرىيىۋى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر 64 نەپەر كادىر ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىزمەتلەرگە كىرىشىدىكەن. ئەمما خەۋەردە مەزكۇر 64 نەپەر كادىرنىڭ مىللەت نىسبىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنىڭدا يەنىلا خىتايلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر كادىرلىرىغا خىتاي تىلى سەۋىيىسىنىڭ قاتتىق ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.