نېفىت ئايرىش زاۋۇتى زابائىكالسكي رايونىنىڭ داۋرىيا يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، زاۋۇت مەزكۇر رايوندىكى ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن خىتايدىن مەبلەغ ئەكىرىپ قۇرۇلغان ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارتلاش يۈز بەرگەندە زاۋۇتتا 18 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
پارتلاشتا 2000 توننا يېقىلغۇ قاچىلانغان ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوتنى دەسلەپتە ئۆچۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، يېزا ئاھالىسى بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، رۇسىيە ئاخباراتى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ "پارتلاش مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان بەش خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتلاشتا بىر ئادەم ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.