ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق نېفىتلىكلەر خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، باشقا شىركەتلەر ئاساسەن بۇ ساھەگە پۇت تىقالماي كەلگەن ئىدى.
مەزكۇر شىركەت 2006 - يىلى بىر فرانسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي گازلىقىغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق چەتئەل نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە يېقىن يولىتىلمىغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكىگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويماقچى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ھالبۇكى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى يۇقىرى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.