بۇ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى. 7-ئۆكتەبىر ۋە 19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىمۇ ئىككى نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، نېگىرىيە دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم قوراللىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئىسمى تونۇلغان جامائەتۇل ئىخلاس نامىدىكى ئىسلامى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نېگىرىيىدە خىتاي شىركەتلىرىنى نىشان قىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئىلگىرى يۈز بەرگەندە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان تەشكىلاتلار خىتاينىڭ نېگىرىيىنى تالان-تاراج قىلىپ، خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي بۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان ھۇجۇمنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.