ناھىيىلىك ھۆكۈمەت نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارغا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ناھىيىنىڭ ۋەزىيىتى تىنچلانغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلمىگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جىنپىڭ ناھىيىسىدىكى پۇقرالار چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە كىيىنىش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جىنپىڭ ناھىيىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نەنياڭ دېگەن جايدىن قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، 1000 دىن ئارتۇق ساقچى ئارقىلىق تەرتىپ ساقلىغانلىقىنى، نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، چارشەنبە كۈنى نامايىش يۈز بەرگەندە تاقىۋېتىلگەن دۇكان ۋە بانكىلارنىڭ بۈگۈن 30-چېسلا جۈمە كۈنى ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن خېنەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەر خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ۋە رادىئومىزدا بېرىلگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتايدىن مەسىلىنى قاتتىق باستۇرۇش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد، كىيىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.