نەنسى خانىم 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يەنى كېلەر يەكشەنبىدىن 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بىر ھەپتىلىك ۋاقىت ئىچىدە، خىتاي بىلەن تىبەت مەسىلىسى ھەم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدىكەن.
خىتايدىكى ناچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ھەم خىتاينىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار قاتتىق سىياسەتلىرى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى قاتتىق چۈشۈرۈۋەتكەن، خىتاي خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ھەتتا، بۇ يىل 5 - ئايدا ئىسپانىيە ئالى سوتى، خىتاينىڭ تىبەت رايونى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇئەن ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ليەن گۇئاڭليې، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى، گېڭ خۇيچاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ قاتارلىق ئۈچ مىنىستىر خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى لى دېجۇ، لخاساغا جايلاشقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانى تۇڭ گۈيشەن ۋە چېڭدۇ قوراللىق ساقچى قىسىم سىياسىي كومىسسارى جاڭ گۈيخۇئا قاتارلىق 8 كىشىنى ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتكار دەپ ئەيىبلەپ، خەلقئارا سوتتا سوتلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.