ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1991 - يىلىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا " خىتايدىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا تەقدىم" دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقنى ئاچقان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نەنسىي پېلوسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىگە جىپسىلاشقانلىقى ئىكەن.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل باھاردا خىتايدا زىيارەتتە بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى.