نەنسىي پېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك پائالىيەتچى ليۇ شيەنبىننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار رەئىسى نەنسىي پېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتچى ليۇ شيەنبىنگە جازا بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە ھۆكۈمىتىنى ليۇ شيەنبىننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نەنسىي پېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شيەنبىنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىشىنى : خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە سەل قارىغانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شيەنبىننى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشى، چىرىكلىككە خاتىمە بېرىپ، خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

ليۇ شيەنبىن جۈمە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرتىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.