ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېپال كۆچمەنلەر خىزمىتى دائىرىلىرى بۇ تىبەتلىكلەرنى چېگرىدىن "قانۇنسىز كىرگەن" دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى سوراق قىلغان. ئەمما، ھازىرچە ئۇلارنىڭ قاچان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
نېپال تىبەت بىلەن چېگرىداش بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن تىبەتلىكلەر نېپال تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتۈپ، كېيىن ھىندىستان ۋە ياكى باشقا ئەللەرگە كېتىدىكەن. نېپال ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە پۈتۈشكەن بولۇپ، نېپال "تىبەتنى خىتاينىڭ بىر قىسىمى" دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە خىتاي بىلەن سودا - ئىقتىسادىي كېلىشىملىرى تۈزگەن ئىدى.
نېپال تىبەتلەرنىڭ بۇ يەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى قامال قىلغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن نېپالدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى نېپال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئىدى. نېپالدا 20 مىڭ ئەتراپىدا تىبەتلىك ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 1959 - يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭى مەزگىلىدە قېچىپ چىققانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.
ئەگەر نېپال ھۆكۈمىتى مەزكۇر 10 نەپەر تىبەتلىك قايتۇرۇپ بەرسە، بۇ كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تىبەتلىكلەرنىڭ كوللېكتىپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 10 تىبەتلىك مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىنكاسلار ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.