ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى «كومپارتىيە ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېگەنلىكى ئۈچۈن نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىلدى

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئۆتكەن ھەپتە دەرس ۋاقتىدا، قانۇندىن لېكسىيە سۆزلەۋېتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى شەھەردىكى بىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي ئاپىرىپ قويۇلغان.

خىتاي توربەتلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ پېيجيەن ئىسىملىك مەزكۇر ئوقۇتقۇچى، دەرستە يۇقىرىقى سۆزنى قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىلغان؛ ئارقىدىن ئىنىسى ۋە مەكتەپ قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىلگەن. مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ دوستلىرى بۈگۈن توردا پىكىر بايان قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ۋاڭ پېيجيەننىڭ پسىخىكىسىنىڭ نورماللىقىنى، پەقەت كومپارتىيىگە قارشى گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، مەزكۇر ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى، ۋاڭ پېيجيەننىڭ ئىنىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئاكىسى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئۇ ئاكىسىنى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەكتەپنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاپارمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، گېپىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئاكىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرنى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىش جازاسى نۆۋەتتە خىتايدا مۇقىملىق خىزمىتىدە كەڭ تۈردە قوللىنىۋاتقان بىر تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.