بۇ قېتىم چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە ئايالى گۇ كەيلەي تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، نېيل خېيۋودنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ئاشكارىلانماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، نېيل خېيۋود ھاراقتىن ئۆلگەن ئەمەس، بەلكى كالىي سىياند دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيىۋى ماددىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نېيل خېيۋود ئۇزۇندىن بېرى گۇ كەيلەينىڭ چەتئەلدىكى سودا ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىپ كەلگەن.
ئاخىرقى قېتىمدا گۇ كەيلەي زور مىقداردىكى پۇلنى چەتئەلگە يۆتكىمەكچى بولغان. بۇ چاغدا نېيل خېيۋود گۇ كەيلەيدىن بەلگىلىك مىقداردا ھەق تەلەپ قىلغان. تەلەپ قىلىنغان ھەق گۇ كەيلەينىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ بولغاچقا، ئىككىسى ئارىسىدا ئارازچىلىق يۈز بەرگەن. بۇ چاغدا نېيل خېيۋود گۇ كەيلەينىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي تىجارەتلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ تىجارىتى ۋە يولدىشى بو شىلەينىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىغان گۇ كەيلەي نېيل خېيۋودقا سۇيىقەست پىلانلىغان. پىلان بويىچە خېيۋود كالىي سىياند بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە بۇ خەۋەر ئەنگلىيە خەلقى ئىچىدىمۇ زور داغدۇغا پەيدا قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ۋەقەنى بالدۇرراق سۈرۈشتە قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن لى چاڭچۈن ئەتە سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، نېيل خېيۋودنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىنىمۇ سۆزلىشىدۇ.