نى يۈلەن 2002-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 3 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئاخىرقىسى ئۆتكەن يىل ئاپرېلدا يەنى ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب باھارى باش كۆتۈرگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن. نى يۈلەن ۋە ئۇنىڭ يولدىشى يەر داۋاسى قىلىۋاتقان ئەرزدارلارغا ياردەم قىلغان، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق قىلىش دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئامېرىكا باش ئەلچىسى بۈگۈنكى باياناتىدا، نى يۈلەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە نى يۈلەننىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. باش ئەلچى يەنە نى يۆلەننىڭ قىزىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نەزەربەندنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئەدلىيە ساھەسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان.