نىڭبو شەھىرىدىكى نامايىشلار داۋاملاشتى

خىتاينىڭ جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىنىڭ جېنخەي بازىرىدىكى ئىشچىلار ۋە پۇقرالارنىڭ خىمىيە زاۋۇتىنى كېڭەيتىشكە قارشى نامايىشلىرى يەكشەنبە كۈنى يەنە يېڭى دولقۇنغا كىردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى نامايىشچىلارنىڭ بىر قانچە مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ھەتتا يەنە نامايىشچىلارنىڭ 3000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلماقتا.

نامايىشچىلار جېنخەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نامايىشى ساقچىلارنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان. نامايىشچىلار ئەگەردە خىمىيە زاۋۇتى كېڭەيتىپ قۇرۇلسا، ئۇنىڭدىن چىققان بۇلغىنىشلار كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىشقان.

شەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، كۆپ ساندا كىشى قولغا ئېلىنغان. يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلار ساقچىلاردىن قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.