نامايىش دەسلەپتە باشلانغاندا ساقچىلار قاتتىق قوللۇق قىلىپ، بىر تۈركۈم نامايىشچىلارنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە سوراق قىلغان؛ ھەتتا بەزىلىرىنى قايتا نامايىشقا چىقماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرغان.
ئەمما بۇنىڭغا قارىماي، نامايىش بېسىقمىغان ۋە نامايىشچىلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارغان. شەنبە كۈنى كەچتە شەھەر باشلىقى نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئەمما نايىشچىلار، ئىسقىرتىپ ۋە ۋارقىراپ شەھەر باشلىقىنىڭ سۆزىنى كەسكەن ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شەھەر باشلىقىنىڭ ۋەدىسىدىن كېيىنمۇ نارازىلىق پەسەيمىگەن.
نامايىشچىلار، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغان قايتا توپلانغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامايىشچىلاردىن بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ يەنە بىر نامايىشچى نىڭبو شەھەردىكى زاۋۇت پىلانىنىڭلا ئەمەس، باشقا شەھەرلەردىكى مۇھىتنى بولغايدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئىشتىن توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.