خوڭكوڭغا جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى خېشى يېزىسى تاۋشەن كەنتىدىكى بىر مەسچىتىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت سورۇنى» دېگەن باھانە بىلەن چاقماقچى بولغان.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ قىلىشىدىن غەزەپلەنگەن يەرلىك تۇڭگانلار ساقچىلارنى توسۇپ، مەسچىتىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. خىتاي ساقچىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە كالتەك قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، توقۇشتا 50 ئادەم يارىلانغان، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. توقۇنۇشتىن كېيىن، مەسچىت چېقىۋېتىلگەن.
ئەمما، ما فامىلىلىك خىتاي ساقچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، پەقەت ئىككى تۇڭگان ۋە ئىككى ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بىر نەچچە ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر مەسچىت 1987-يىلى ياسالغان بولۇپ، تېخى ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم يېڭىلانغان ئىكەن. ما فامىلىلىك ساقچى مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
بەزى يەرلىكلەر توقۇنۇشتا ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى رەت قىلغان.
دائىرىلەر توقۇنۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاخباراتتىن يەنىلا سىر تۇتماقتا.
