بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا كۆرسىتىشىچە، ھەتتا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋىرىدىمۇ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۆكتىچىلەردىن ئاندرېي ساخاروۋ ۋە لېچ ۋالېسا لارغا بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشقا ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئەۋەتكەن.
بېرما ھۆكۈمىتىمۇ، 1991- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئاڭ سان سۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ ئانىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا يول قويغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى نە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا يول قويمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1936- يىلى گىتلېر گېرمانىيىلىك تىنچلىقپەرۋەر كارل ۋون ئوسسىئېتزكينىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشىغا يول قويمىغان ئىكەن.
ئەگەر ليۇ شياۋبونىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان تەقدىردە مۇراسىم يەنە ئۆز تەرىپى بويىچە داۋام قىلىنىۋېرىدىكەن ھەمدە ليۇ شياۋبونىڭ نوبېل نۇتقىنى نورۋېگىيىلىك سەنئەتكار لىۋ ئۇللمانن ليۇ شياۋبوغا ۋاكالىتەن ئوقۇيدىكەن.