نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ۋېي جىڭشىڭ، بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، نوبېل كومىتېتىنى «جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

ۋېي جىڭشىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مو يېن قابىلىيەتلىك يازغۇچى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرى ئۇلارنى گۇمانغا سالغان. ۋېي جىڭشىڭ، ئىلگىرى مو يېننىڭ باشقا يازغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، ماۋ زېدوڭغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقى، ئۇنىڭ «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقى» نى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

شۋېتسىيە ئاكادېمىيىسى پەيشەنبە كۈنى بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى يۈ جيې نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنى تەنقىدلەپ، «بۇ كومپارتىيىنىڭ غەلىبىسى، ئەدەبىياتنىڭ مەغلۇبىيىتى» دېگەن. بىراق خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مو يېننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى جۇڭگونىڭ بۈيۈك دۆلەتلىك ئورنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» دەپ جاكارلىغان.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى بولسا مو يېننى تەبرىكلىگەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆكتىچى زات ليۇ شياۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە ھېچقانداق خەۋەر بەرمەي، مو يېننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كەڭ خەۋەر قىلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.