نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مو يېن، ليۇ شياۋبونىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى
2012.10.12
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مو يېن بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىدنى يۇمشىتىشنى مەقسەت قىلغان. بىراق بۇ يىل 57 ياشلىق مو يېن يەنە، 1980-يىللىرى ليۇ شياۋبونىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانلىقى، لېكىن ليۇ شياۋبونىڭ سىياسىي مەسىلىلەرگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنەلمەي قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ليۇ شياۋبو، 2008-يىلى ئاساسى قانۇن نىزامنامىسى، ناملىق ھۆججەتكە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلاپ، دېموكراتىيە ۋە فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە كۆچۈشنى تەلەپ قىلغان.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى باستۇرۇپ، 2009-يىلى ليۇ شاۋبونى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. مو يېن، ليۇ شياۋبونىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغان دەل شۇ كۈنى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلدى. لېنتىغا ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنىپ، تالاغا چىقىشى مەنئى قىلىنغان ليۇ شيانىڭ، دېرىزىدىن تالاغا قاراپ تاماكا چېكىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئېلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دېرىزىدە تۇرۇپ تاماكا چېكىش ليۇ شياغا قالدۇرۇپ قويۇلغان بىر قانچە ئەركىنلىكنىڭ بىرى، خالاس» دەپ كۆرسەتكەن.
مو يېن بولسا، ليۇ شياۋبونىڭ سالامەت قويۇپ بېرىلىپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېما ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن ئاتاقلىق سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېي مو يېننى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خەلقنى ئىزچىل زەھەرلەپ كېلىۋاتقان سىستېما بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.