خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىنمۇ كىشىلەر ھازىر، نورۋېگىيىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى توسۇۋالغان ياكى قولغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە خانىم ھازىر ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمى مەزگىلىدە، نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان خىتاينىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغان نامايىشقا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىشقا تەييار. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسقەرجان، باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇھەممەت توختى قاتارلىق كىشىلەرمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ھەر قانداق كىشىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەييار تۇرماقتا.