زىيارەتتىن كېيىن ئانسان سۇچى يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ يىللاردا ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ بېرما بۆلۈمىنىڭ ئۆز پروگراممىلىرى ئارقىلىق بېرمېنىڭ دېموكراتىيىلىشىش يولىدا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.
ئانسان سۇچى بايانىدا نۆۋەتتە بېرما دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى باسقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ رادىئوسىنىڭ بېرمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئانسان سۇچى بېرمىدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى مەملىكەتلىك دېموكراتىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىل بېرما تۈرمىسىدە ياتقان ھەم ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئۈچۈن، تۈرمىدىكى مەزگىلىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئانسان سۇچىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بۆلىشى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى 18 كۈن داۋاملىشىدىكەن. ئانسان سۇچى 17-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھەم دۆلەت ئىشلار باش مىنىستىرى خىلارى كىلىنتون خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.