ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، نوبېل كومىتېتنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبوغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، نوبېل كومىتېتى رەئىسى گې’ر لۇندستاند نورۋېگىيە ئاخبارات ساھەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئىنتايىن بىئارام بولغان ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە پەقەت بەش دۆلەتلا مۇراسىمغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇراسىم 12- ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىندى.