ئىگىلىنىشىچە، نوبېل كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي يازغۇچى ليۇشاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن 36 دۆلەتنىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە دەۋەتنامە ئەۋەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى 6 دۆلەت دەۋەتنامىنى قايتۇرۇۋەتكەن. 16 دۆلەت بولسا تېخى ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دىپلوماتلار ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە ئېنىق جاۋاب بېرىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىكلىرىگە نوبېل مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقتىن، بەزى دۆلەتلەر نوبېل كومىتېتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇراسىمنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مۇراسىمغا ئادەتتىكىدەك قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەمما، ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىدە بولۇشى، ئايالىنىڭ ئۆيىدە نەزەربەنتە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنىڭمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇكاپاتنىڭ كىمنىڭ ليۇشاۋبوغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.