ليۇ شاۋبونىڭ ئىككى قېرىندىشى، نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشقا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ليۇ شاۋبونىڭ قېرىنداشلىرىدىن ليۇ شاۋگۇاڭ ۋە ليۇ شاۋشۈەن ئەگەر ئاكىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن نورۋېگىيىگە بېرىشىغا يول قويۇلماي قالسا، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن مۇراسىمغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇراسىم 12 ‏- ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-10-26
Share

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى يەنە بىر خەۋىرىدە ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا، ھازىرقى ئەھۋالدا يولدىشىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بېرىلىشىدىن ئۈمىد ئازلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ليۇ شاۋبونىڭ، دوستلىرىنىڭ بۇ تارىخىي مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ليۇ شا، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبونىڭ بىر قىسىم دوستلىرىنى يولدىشىغا ۋاكالىتەن بۇ تارىخىي مۇراسىمغا قاتنىشىشقا ۋە ۋە مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

ئوچۇق خەتتە مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا سابىق باش مىنىستىر جاۋ زېياڭنىڭ باش كاتىپى باۋ تۇڭ، ليۇ شاۋبونىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن شاڭ باۋجۈن قاتارلىق بىر قانچە كىشى بار بولۇپ، ليۇ شا ئوچۇق خېتىدە ئەگەر بۇ كىشىلەر مۇكاپاتنى قوبۇل قىلسا، ليۇ شاۋبونىڭ بۇنىڭغا رازى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت