فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى يەنە بىر خەۋىرىدە ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا، ھازىرقى ئەھۋالدا يولدىشىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بېرىلىشىدىن ئۈمىد ئازلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ليۇ شاۋبونىڭ، دوستلىرىنىڭ بۇ تارىخىي مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ليۇ شا، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبونىڭ بىر قىسىم دوستلىرىنى يولدىشىغا ۋاكالىتەن بۇ تارىخىي مۇراسىمغا قاتنىشىشقا ۋە ۋە مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئوچۇق خەتتە مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا سابىق باش مىنىستىر جاۋ زېياڭنىڭ باش كاتىپى باۋ تۇڭ، ليۇ شاۋبونىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن شاڭ باۋجۈن قاتارلىق بىر قانچە كىشى بار بولۇپ، ليۇ شا ئوچۇق خېتىدە ئەگەر بۇ كىشىلەر مۇكاپاتنى قوبۇل قىلسا، ليۇ شاۋبونىڭ بۇنىڭغا رازى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.