مەزكۇر بايانات نورۋىگىيىدىكى نوبېل كومىتېتى رەئىسى تھوربجورن جاگالان تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، 23 - ئۆكتەبىر "نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى"گە بېسىلدى.
باياننامىدە مۇنداق دېيىلگەن: "تۈرمىگە تاشلانغان پائالىيەتچى ليۇ شاۋبونى 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى قىلىپ تاللىشىمىزنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەقىقەتەن قوغداشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بەردى."
باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە كەلگەندە "ھېچكىمنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق" دېگەن گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، "ئەمما ئۇلار يېڭىلىشتى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇننى ۋە ئۆلچەملىرى دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۇرچى بار" دېيىلگەن.
باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئاساسەن تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، " خىتابنامىدە، دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن چەكسىز، ئاشۇ چەكسىز ھوقۇقىغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن،" دېيىلگەن.
باياناتتا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە دېموكراتىك دۆلەت بولمىسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بويىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "ھالبۇكى، ليۇ ئەپەندىمنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن بىر يۆنىلىشتە ئەمەسلىكىنىڭ روشەن ئىسپاتى."
بايانات ئاخىرىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى كۆرسىتەلىگەن ۋە ئوتكەن 20 يىلدا خىتاينىڭ بەزى جەھەتلەردە كۆپلىگەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، "بىز بۇ خىلدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى خالايمىز. مانا بۇ، ليۇ ئەپەندىگە تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشىمىزدىكى سەۋەب. ئەگەر خىتاي باشقا ئەللەر بىلەن ئىناقلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ساقلاشتا ھالقىلىق دۆلەتكە ئايلىنىمەن دەيدىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ بارلىق پۇقراسىغا پىكىر ئەركىنلىكى بېرىشى كېرەك،" دېيىلگەن.
ليۇ شاۋبو 2009 - يىلى دېكابىردا "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.