بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى نوبىل كومىتېتىنى تەنقىد قىلدى

بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتچىسى جۈمە كۈنى نوبىل كومىتېتىنى تەنقىدلەپ، 2010‏ - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

ئانالىزچىلار بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوتنىڭ نوبىل كومىتېتىنى تەنقىد قىلغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى خەلقئارا چاقىرىقلارغا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قارىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت باياناتچىسى تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشى جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر، دەپ تەنقىد قىلىپ، "جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى جۇڭگو قانۇنى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ ۋە ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن جازا سوتنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان" دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قاتارلىق دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە بۇرۇن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى نەزەربەنتتىن ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ليۇ شاۋبو نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى نەزەربەنت قىلىپلا قالماي، دېڭ زىلىن، يۇي جيە، فېڭ جېڭخۇ قاتارلىق ئۆكتىچى زاتلار ۋە بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان ئىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئۆكتىچى زاتلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن "بىئارام' بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى يەنە جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، ئۆكتىچىلەر ۋە مۇستەقىل زىيالىيلارنى جازالاشنى توختىتىشنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.