نورۋىگىيىدىكى سوتتا تېررور گۇماندارى راشىدىن مۇھەممەدكە 11 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

بۈگۈن نورۋىگىيىدە ئېچىلغان بىر سوتتا، ئەيىبلىگۈچى، تېررور گۇماندارلىرىدىن مىكايىل داۋۇتقا 11 يىللىق، ئۇنىڭ قالغان ئىككى ھەمراسىغا 5 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەيىبلىگۈچى گەىر ئەۋاڭەر گۇماندار مىكايىل داۋۇتنى «نورۋېگىيىگە خەلقئارا تېررورنى ئىمپورت قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. مىكايىل داۋۇتنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر، ئەسلى ئىسمى راشىدىن مەھەممەد بولۇپ، ئۇ دانىيىدىكى بىر گېزىتخانىغا قارشى تۈزۈلگەن تېررورلۇق پىلانىنىڭ يېتەكچىسى دېگەن گۇمان بىلەن 2010-يىلى قولغا ئېلىنغان.

ھۇجۇم نىشانى بولۇپ پىلانلانغان مەزكۇر گېزىت 2005-يىلى ئىسلام دىنىنى ھاقارەت قىلدى دەپ قارالغان ئەسەرلەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمما راشىدىن مۇھەممەد، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ تېررورلۇق پىلانى تۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ھۇجۇم نىشانىنىڭ دانىيىدىكى گېزىتخانا ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ۋە ھۇجۇم نىشانىنىڭ نورۋىگىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەيىبلىگۈچىنىڭ تەلىپى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتتا قاراپ چىقىلىدۇ ۋە ھۆكۈم كېلەر يىلنىڭ بېشىدا بېرىلىدۇ.