ئەگەر نورۋېگىيە سوتى ئۇنىڭ ئۈستىدىن تېررورلۇق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش جىنايىتىنى بېكىتسە، ئۇ 30 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ تۈنۈگۈن سوتقا چىقىرىلغاندا، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، «مېنى يەنە 60 يىلدىن كېيىن تارىخ ئاقلايدۇ» دېگەن. ئۇ ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەردە ئىسلامغا قارشى ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈنۈگۈن، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا يۈز مىڭلىغان ئامما كوچىلارغا چىقىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، بىردەك ئىرقچىلىققا قارشى مارشلارنى ئېيتتى. نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ستولتېنبېرگ ئاممىغا قىلغان سۆزىدە، بۈگۈن بۇ يەرگە چىققان ھەر بىرىمىز دېموكراتىيىگە، ھەممە ئىرقلارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە كەڭ قورساقلىق ئاساسىدا بىللە ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، قارا نىيەتلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ خەلقنى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ، دەپ خىتاب قىلغان.