نورۋېگىيىنىڭ بىر ئېنىرگىيە گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى خىتايغا ساتتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيىنىڭ بىر ئېنىرگىيە گۇرۇھى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدا ئىجارىگە ئالغان مۈلكىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېڭىزدا نېفت قېزىش شىركىتى CNOOC گە ساتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شىركەتلەر ئارا قىلىنغان بۇ سودا 29‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزالانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ شىركىتى 2005 ‏ - يىلى ئامېىرىكا بىلەن 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىتلىك سودىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئەمما خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم بۇ مېكىسكا قولتۇقىدا نورۋىگىيىنىڭ بىر شىركىتىدىن سېتىۋالغان بۇ مۈلۈكنىڭ ھەجمى كىچىك، ئۇنىڭدىن قازىدىغان نېفت دېڭىزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر يېرىدە.