خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاۋان سادىق دانىيىدىكى "جىيلان پاستەن" ناملىق گېزىتخانىنى پارتلىتىشقا قاتناشماقچى بولغان. مەزكۇر گېزىت 2005 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھەجۋىي رەسىم نەشر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە دۇنيا مىقياسىدا بىر قاتار نامايىش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاۋان سادىقنىڭ ئادۋوكاتى، شاۋاننىڭ ئەل قائىدە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئەمما، خەۋەردە، 3 كىشىلىك تېررور گۇماندارلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دەپ قارالغان مىكائىل داۋىدنىڭ ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تەكىتلەنگەن.