رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە توغرىسىدا پاكىستان تەرەپ، ناتونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئەۋەتكەن تىكۇچارلار پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ جاكارلىدى. ناتو تەرەپ بولسا، ناتونىڭ تىكۇچارلىرى ئافغانىستان تەرەپتە تۇرۇپ چېگرا چارلاۋاتقاندا، پاكىستان قىسىملىرى ئۇنىڭغا توپ ئاتتى. ناتونىڭ تىك ئۇچۇرلىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ناتو قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى، ناتونىڭ تىكۇچارلىرى چېگرادىن ھالقىغان ياكى ھالقىمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئايروپىلانلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش (GPS) سىستېمىسى ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
بۇ، چوڭ مەسىلە ئەمەس، ئەمما ھازىرقى بۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەسىلە شۇكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئەسلىگە كەلدى دەپ جاكارلاپ بىر كۈن ئۆتكەندە، ناتو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى پاكىستاننىڭ ئابۇتئاباد مەھەللىسىگە كىرىپ ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن جىددىيلىكنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويماقتا.