يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر مۇقىملىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان تۈپ ئامىل ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن نۇر بەكرىنىڭ، "شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىيات" دېگەن باياناتى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن بىر تاسادىپىيلىقتۇر.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 9 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. نۇر بەكرى " تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورتاق ئاچقۇچىدۇر" دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقتى بىلەن خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالايىتەن ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى، شەرت -شارائىت نۇقتىسىدىن ناھايىتى نازۇك بىر كۈنگە توغرا كەلگەن. بۇ ۋاقىت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇنىڭ زىيارىتىدىكى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى.
نۇر بەكرى تەرەققىياتنى تەكىتلىگەن كۈنى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، جون بونېر، ئېلىنا رۇس لېتىنانت قاتارلىق ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك سوئال - سورىقىغا دۇچ كەلگەن كۈن بىلەن ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كەلگەن ئىدى.